باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى 234 كادىر مەركەز ئورۇنلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ

2015.03.25 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2015-يىللىق غەربىي رايون ۋە باشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايوندىكى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپى 24-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. 19 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن 234 كادىر تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

  ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلەش جەريانىدا، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى قاتارلىق مەخسۇس تېما بويىچە ئۆگىنىش قىلىدۇ. تەربىيەلەش سىنىپى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن كادىرلار مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت تايانچ كارخانىلىرىغا بىر يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر