خەلق گېزىتى تورى، بېيجىڭ، 22- مارت تېلېگراممىسى. لى كېچياڭ مەركەز ئىشتات ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، ئاكسىيەچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق 14 كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئومىكىنى باشلاپ، دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.
لى كېچياڭ 20- مارت چۈشتىن كېيىن سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدە:«ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا، سودا سانائەت تارمىقىڭلار ئالدىنقى سەپ، سىلەر باشلامچى»،دېدى.
«ئىككى يىغىن»دىىن كېيىن لى كېچياڭ تۇنجى بولۇپ دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىدا« ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش»نى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: تەستىقلاشنى ئىخچاملاپ، ئىجازەت بېرىشنى بوشاشتۇرۇپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەينى كەينىدىن بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىيلاشقان ھەمكارلىشىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ تايانچلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى