باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ناھەق، يالغان، خاتا بولغان ئون دېلونى تۈزەتتى

2015.03.23 14:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18 – مارت تېلىگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 18 – مارت ئېلان قىلغان ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن يىللىق دوكلات (2014)›› (ئاق تاشلىق كىتاب)تا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا ئاشكارىلىنىشىچە، 2014 – يىلى مەملىكىتىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى كوگجىلتۇ دېلوسى قاتارلىق ناھەق، يالغان، خاتا بولغان ئون دېلونى قانۇن بويىچە تۈزەتكەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 2014 – يىلى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار ۋە مەمۇرىي ئەرز، ھەق تەلەپ ئىلتىماسىغا قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىدىن 125 مىڭ 273 نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەققانىيەتنى ياقلىدى. تۈرلۈك دېلودىن 33 مىڭ 662 نى قايتا سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 9635 دېلوغا قايتا ھۆكۈم قىلدى، 4281 دېلونى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇردى. كوگجىلتۇ دېلوسى قاتارلىق ناھەق، يالغان، خاتا بولغان ئون دېلو قانۇن بويىچە تۈزىتىلدى، نيەنبىن دېلوسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇزاقغا سوزۇلغان گۇمانلىق دېلولارنىڭ جاۋابكارلىرىغا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈم قانۇن بويىچە قايتا ئۆزگەرتىلدى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نيې شۇبىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى باشقا جايدا قايتا تەكشۈرۈش بېكىتىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2014 – يىلى ‹‹ئاممىغا ھەر بىر دېلودا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش›› نىشانى بويىچە، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت خىزمەت باش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ھەم ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى يۈرگۈزۈشتە ئاشكارا بولۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر