باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئومۇمىي سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئىسرائىلىيە - پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇۋېتىدۇ

2015.03.23 14:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18 – مارت ئېلان قىلىنغان ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى زۇڭلى نېتانياخۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد گۇرۇھى روشەن ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاساسلىق رەقىبى يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنى يېڭىپ، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: نېتانياخۇ كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، مۆلچەرىمىزچە ئۇ باشقا ئوڭ قانات سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، 4 – قېتىم زۇڭلى بولۇشى مۇمكىن. نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىدىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەگەر ئۇ يەنە زۇڭلى بولۇپ قالسا ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلاپ كەتكىلى بولمايدۇ.

  نېتانياخۇ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر يەنە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىسەم پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويمايمەن. يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئىتتىپاقى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا چېگرا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەردە پەلەستىنگە يول قويۇپ، ئىسرائىلىيەگە زور بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نېتانياخۇ ئاخىرقى پەيتتە ئوڭ قاناتلار لاگېرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈتۈلمىگەن ئۈنۈم پەيدا قىلىپ، سايلىغۇچىلارنى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە – يەھۇدىيلار ماكانى پارتىيەسى قاتارلىقلاردىن لىكۇد گۇرۇھىغا تارتتى.

  لىكۇد گۇرۇھىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرى يېڭى كابىنېتنىڭ تەشكىللىنىشىگە يۆتكەلدى. نېتانياخۇ بەزى ئوڭ قانات پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كابىنېت تەشكىللەش توغرىسىدا كېڭىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: نېتانياخۇنىڭ سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۇدا غەلىبە قىلىشى، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ زەربە بولىدۇ.

  بىرىنچىدىن، لىكۇد گۇرۇھى بىلەن ئوڭ قاناتلار لاگېرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئومۇميۈزلۈك ھوقۇققا ئېرىشىشىدىكى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، رايون ۋەزىيىتى ئىزچىل داۋالغۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىسرائىلىيەلىكلەر ئومۇمىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ ۋە ئوڭچىل شەخسكە مايىللاشتى. ئوڭچىللارنىڭ قوللىشى بىلەن، نېتانياخۇ ھۆكۈمىتى ھېچنېمىدىن تەپتارتماي ئىشغال قىلىۋالغان زېمىندا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش قاتارلىق قاتتىق قول سىياسەتنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا تىنچلىقتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، سايلامدا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، نېتانياخۇ ئوڭ قاناتلارنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھەسى›› ۋە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللاش پوزىتسىيەسىدىن يېنىۋالدى. بۇ نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلىدى، مۇشۇ ۋەجىدىن پەلەستىن نېتانياخۇغا تېخىمۇ ئىشەنمەسلىكى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئۈچىنچىدىن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نېتانياخۇ تەشكىللەشنى پىلانلاۋاتقان يېڭى كابىنېت نوقۇل ئوڭ قانات كابىنېت بولىدۇ. سول قانات پارتىيەلەرنىڭ ساداسى بولمىغان يېڭى كابىنېتنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشى مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتى جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر