يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار ـــ شېنياڭ تېشى رايونى شىڭشۇن ئالاھىدە كەچلىك بازىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ كەچلىك بازار شېنياڭ شەھىرىنىڭ تېشى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.8 كىلومېتىر كېلىدۇ، كەچلىك بازار ئاساسلىقى ئالاھىدە تائام رايونى، كىيىم-كېچەك رايونى، تۈرلۈك ماللار رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.