چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى كۆمۈلگەن 1-نومۇرلۇق ئازگالنى 3-قېتىملىق قېزىش خىزمىتى 2009-يىلى باشلانغان بولۇپ، يېقىندا بۇ ئازگالدىن ئەڭ مۇكەممەل بولغان قونداقلىق ئوقيا تۇنجى قېتىم بايقالغان. بولۇپمۇ قونداقلىق ئوقيادىكى ‹‹يا ئوڭشاش ئەسۋابى››نىڭ بايقىلىشى تېخىمۇ مۇھىم بىر ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش بولۇپ، بۇ ئەسۋاب تارىخىي كىتابلاردا چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان.