باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

2015-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنە باشلىنىدۇ

2015.03.17 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى مەكتەپلەر نىزامنامىسىنى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلدى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ «بويا پىلانى»، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ«ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش» دىققەت قوزغىدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ ئانا

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتى 5- مارت ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئۇنىۋېرىستېت 15- مارت ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى «مۇھىم ئىش»- بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ «بويا پىلانى» بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ «ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامىغا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىندى، تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا بۇلتۇرقىغا ئوخشىمايدىكەن. ئوقۇشۇمچە، 2- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ يىل 6- ئايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بولۇپ قالىدىكەن.

  77 ئالىي مەكتەپ مەملىكەت دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە يېزا- قىشلاقلارغا مايىل بولىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ئۇچۇر سۇپىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2015- يىلى 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 77 ئالىي مەكتەپ مەملىكەت دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنشىدۇ، تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ تەكشۈرۈپ باھالايدۇ. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئالىي مەكتەپ بىرلەشمە ئىمتىھان ئۇسۇلىنى قوللانسا ياكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرسا بولمايدۇ. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈپ باھالاش تەرتىپى ۋە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى قاتتىن تىزگىنلىنىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئۆزئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنىڭ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى، ئۆزئالدىغا تاللاپ تەكشۈرۈپ باھالاش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغانلار سانى ۋە تەخمىنىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئادەم سانىنىڭ نىسبىتى توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغان، كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ %5 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك دېگەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدە ئوتتۇرا،غەربىي رايون ۋە يېزا- قىشلاقلاردىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش بەكرەك گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر