باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەۋرۇز(1)

2015.03.23 16:24   مەنبە: خەلق تورى

ماتېرىيال سۈرەت
ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (ھەبىبە ئىسمائىل) : 22-مارت يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدىن پارلاۋاتقان كۈلكىدىن شۇنداقلا چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىدىنلا بۇ كۈننىڭ ئادەتتىكىچە بىر كۈن ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى، شۇنداق بۇ كۈن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىپ، خۇشال ـ خورام ھالدا نەۋ باھارنى كۈتۈۋالىدىغان ئالاھىدە بىر كۈن ئىدى. بۇ كۈن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ۋە سۈزۈك بولۇپ، ئەتلەس كۆڭلەك ۋە چىمەن دوپپىلىرىنى، كەشتىلىك كۆڭلەك ۋە بادام دوپپىلىرىنى كىيىشكەن ئۇيغۇر قىز ـ يىگىتلىرى بۇ بايرامغا ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلغان ئىدى. باش باھاردىن خەۋەر بېرىپ ئېچىلغان ساپسېرىق سېرىن گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى مەيىن شامال بىلەن قۇشۇلۇپ، قانچە ھىدلىسىمۇ كىشى تويمايتتى.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىدىكى نەۋرۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەۋرۇزنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ چوڭ پائالىيەت بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بېيجىڭنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زاتلار ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىچىلار، چەتئەللىك دوستلارمۇ قاتناشتى. پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، رەھبەرلەر نەۋرۇزلۇق تىلەكلىرى بىلەن نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىنلا «ئابدۇرېشىت ئوقۇش مۇكاپاتى» ۋە «دۇڭفاڭيى» شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى، ئۇلاپلا باشلانغان ساما ئۇسسۇلى بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى «نورۇز»- پارىسچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «يېڭى كۈن، باش باھار» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نەۋزۇر بايرىمى باشقا تۈرك قەۋملىرىگە ئوخشاش 21-مارت (21-نورۇز) كۈنىدە قۇتلۇقلانماقتا. ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنىدە قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادى كالېندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولىدۇ. (سۈرەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى فەرۇخ تەمىنلىگەن)

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…