باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى تەبرىكلىدى

2015.03.23 14:55   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى تەبرىكلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭ خەۋىرى (ئالىم) 21-مارت چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى ھويلىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار مىللىيچە كىيىنىپ، بىرگە جەم بولۇپ، ئەنئەنىۋىي نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  نورۇز ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «باھار بايرىمى» بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈچ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. كىشىلەر ناخشا ئۇسسۇل قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بايرامنى تەنتەنە قىلىشىپ، يېڭى بىر يىلغا بولغان ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە بەخت تىلىشىدۇ.

  21-مارت چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىغا يىغىلىپ، «ئىلغار ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەتنى جارىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈش» تېمىسىدا نورۇزلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەت مەردانە ساما ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئانارگۈل ئېيتقان «تارىم ناخشىسى»، ھەرخىل مىللىي ئەنئەنىلەر، جۇشقۇن شوق ئۇسسۇللار، قىزىقارلىق چاقچاقلار، ئەنئەنىۋىي مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرى، ئەتلەس مىللىي كەشتىلىرى، نورۇز ئېشى قاتارلىق يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» ناملىق مىكرو فىلىم قاتارلىق مول مەزمۇنلار بايرامنىڭ ئىناق قىزغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەردانە، جۇشقۇن، روھىي تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىدى. پائالىيەت ئارىلىقىدا، نورۇز ئەھلى ئۆز ئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشىپ ئۆز ئارا بەخت تىلىشىپ، بايرام خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.

  پائالىيەتنى بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر كومىتېتى مىللەتلەر دوستۇق بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇردى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى ھېسام چاقچاقلىرى سەنئىتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ ھېسام چاقچاقلىرى ماركا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئاماننىساخان رېستۇرانى قاتارلىق ئورۇنلار ياردەملەشتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى شىركەت-كارخانىلار خىزمەتچىلىرى پىدائىيلار گۇرۇپپىسى كونكىرت پىلانلاپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. خەلق تورى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار نەق مەيداندىن خەۋەر بەردى، بېيجىڭ ئاماننىساخان رېستۇرانى، باققالى رېستۇرانى، دىيارىم مېھرى يەرلىك تونۇر كاۋاپلىرى پادىشاھى قاتارلىق ئورۇنلار نورۇز ئېشى، پۇتۈن قوي كاۋىپى، سامسا قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك خوشال-خورام ھالدا نورۇز ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتكە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق دېكتورى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىسى شەۋقىيە رىياسەتچلىك قىلدى. مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى شىنجاڭ خىزمىتى ئىدارىسى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر كومىتېتى مىللەتلەر دوستۇق بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، دۇنيا جۇڭگولۇقلار- جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىلىرى باش بىرلەشمىسى، دوڭفاڭيى كېڭەيتىش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر قاتناشتى ھەمدە پائالىيەتكە يۇقىرى باھالارنى بەردى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل باشلىقى تۇرۇپ بارات، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر كومىتېتى مىللەتلەر دوستۇق بىرلەشمىسىدىن گاۋلى خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتۇر دولقۇن قادىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىر ياردەمچىسى ۋىدات مىجىت، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدىن مەھمۇت ھاجى ھېسام، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن پەخىرىيە ئەشرەپ قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

  بېيجىڭ چاڭچۇن ئوقۇش ياردىمى ساخاۋەت فوندى پائالىيەت نەق مەيدانىدا ياردەم بېرىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ھەر يىلى شىنجاڭدىكى 50 نەپەر نامرات ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

  پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي نازۇ-نېمەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇزخۇمار ئەتلەسلىرى، ھەرخىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى نامايان قىلىندى، نورۇز ھەققىدىكى بىلىملەردىن سوئال جاۋابلار ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارغا بىلىم بېرىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ