باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ

2015.03.19 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى يېقىندا، «2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئىشلىرى خىزمەت بەلگىلمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنىڭدا، سىكاننىرلانغاندىن كىيىن جاۋاپ قەغىزىنىڭ ساقلاش مۇددىتى نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى 6 ئاي بولىدۇ. جاۋاپ قەغىزىنىڭ سىكاننىرلانغان رەسىمى، قەغەز تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ساقلاش مۇددىتى نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى 3 يىل بولىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

  مەخسۇس ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن، بەلگىلمىدە تەكىتلەپ، ئەگەر بىۋاستە تۇغقىنى ياكى پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بار ئادەم شۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشقان بولسا، چۇقۇم ئىمتىھان سۇئالى، جاۋابى، نۇمۇر قۇيۇش پايدىلانمىسى، جاۋاب قەغىزى قاتارلىق مەخپىيەتلىككە چېتىلدىغان ماترىياللاردىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم. قۇشۇمچە خىزمەتچىلەردىن ئەگەر بىۋاستە تۇغقىنى ياكى پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بار ئادەم شۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشقان بولسا، ئىمتىھان خىزمىتىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىكتە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ئىمتىھان ئۈزىلىش، كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، بەلگىلمىدە، سۇئال بېسىلىشىدا خاتالىق بار، تەبىئىي ئاپەت ياكى باشقا تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن ھادىسلەر قاتارلىق سەۋەبلەر مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ كىچىكىش سەۋەبىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىمتىھان رايۇنى مۇدىرى دەرھال ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھان تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلاتقاندىن كىيىن ئىمتىھان ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كىچىكتۈرسە بولىدۇ، كىچىكتۈرۈلگەن ئىمتىھان ۋاقتى قائىدە بويىچە 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر