باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئېلان قىلىندى

2015.03.18 14:17         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2014- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئېلان قىلدى. كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشى نورمال بولماسلىق ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش-- ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قوي يىلىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆزنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى ئاڭلىتىمىز:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىيلىشىشى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىشى شۇنىڭدەك سىرتتىكى ھەركىتىنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ھالەتنىڭ يەنە يېشى كىچىك بالىلارغا قاراپ يۈزلىنىشەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىك، كۆز نۇرىنى يىغالماسلىق، يېقىننى ئېنىق كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولغان بالىلار ئامبولاتۇرىيىدىكى ئاغرىقلارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بالىلار باغچىسى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقنىڭ بالىلىرى بولۇپ كۈندە 30دىن 40قىچە بالا كۆزىنى داۋالىتىشقا كىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بەك ئاجىز. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرى ھەتتا 400، 500 گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقايدۇ، گەرچە بۇ ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل يۈزلىنىش بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك بولىۋاتىدۇ.

  3-ئاي كىرىپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشى بىلەن، قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆزنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ دەخلى- تەرۈزگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈن يوڭ مۇنداق ئەسكەرتمە بەردى: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىرتتا بولىدىغان ھەركەتلەرگە كۆپرەك قاتناشسا كۆزىنى ئارام ئالغۇرغىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىماي، توغرا بولغان خەت يېزىش ۋە كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلار ئارىسىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش ئەھۋالىنىڭ كۆپ يۈز بىرىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خوڭيەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنى كۆپرەك كۈزىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقان ئالامەتنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىتىشنى سەمىگە سالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك كۈزىتىشكە ئەھمىيەت بىرىشى ھەمدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە كۆز قىسمىنى تەكشۈرتۈشى، چوڭ بالىلار ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر