باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر كارخانىلارنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

2015.03.26 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كارخانىلارنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىنى ئېچىۋېتىپ، بايلىقنى، بازارنى مونوپول قىلىۋېلىشنى بۇزۇپ تاشلاپ، رىقابەتنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇردى. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ پايدىسى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا.

  باۋشەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتى قارىماي پولات تۇرۇبا چەكلىك شىركىتى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ بىرى. 2011-يىلى بازىرى بار ئەمما تېخنىكا ۋە مەبلىغى يېتەرلىك بولمىغان قارىماي يېڭى نېفىت خەلقئارا شىركىتى باۋشەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى، بېيجىڭ دۇنخۇا شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەت ئىگىلىكى بىلەن خۇسۇسىي ئىگىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك قوشۇنى قۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلاپ، بىرلىشىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بازىرىنى كېڭەيتىپ، كارخانىنىڭ قىممىتى ۋە كۆلىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  قارىماينىڭ سىناق قىلىشى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش ئىشلىرىدا زور بىرىكىش، زور گۇرۇپپىلىشىش ئىشقا ئاشتى. 2013-يىلى ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يەرلىك پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ،جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىزىل تاغ نېفىتلىكىنى تەشكىللەپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىلا 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇردى.

  ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكنىڭ تەسىرىدە كارخانىلار رىقابەتلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇردى، بۇ كارخانىلارنىڭ جانلىنىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. كۆمۈر، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولغان تۇرپان، قۇمۇل ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىدا شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارخانىلىرى مەركەز ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، پاي ھەمكارلىق تۈزۈمىدىكى ئارىلاشما قوشۇن تەشكىللەپ، 10 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر گازى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇپ چىقتى. سۇ ۋە كۆمۈر بايلىقى مول بولغان ئىلىدا كۆپ تەرەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرلىرى يولغا قويۇلدى، ھازىر «غەربىي شىمالدىكى ئەڭ تۆۋەن توك باھاسى رايونى» غەربىي قىسمىدىكى ئېلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندى.

  بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېنېرگىيە، سۇ ئىنشائاتى، تۆمۈر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم زور تۈرلەردە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كاپىتاللارنى كىرگۈزدى، خەلق ئارىسىدىكىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %43.9 گە يەتتى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. ئاپتونوم رايون مەركەز كارخانىلىرى ئۆزى تەۋە جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە يەرلىك پاي قوشۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە ئېنېرگىيەسىنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئېچىش ۋە شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر