باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

2015.03.26 13:28         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى يېقىندا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  ئايال ۋاسكىتبولچىلار بىلەن جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋاسكىتبول ئويناش، ئارقان تارتىشىش، كىچىك ئالما ئۇسسۇلى ئويناش ئارقىلىق، شادلىققا تولدى. كەنت ئاھالىسى مۇزەپپەر تېلېۋىزوردا ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكىلەرنى كۆرگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئۇلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈش ئۇنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەھۋالىنى كۆرۈشمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىشكەن. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ماھارىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىچىك ئالما ئۇسسۇلى ئويناپ، سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى گۈلمىرە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ بەك خوش بولدۇق. مېنىڭچە كۆپچىلىك ھەقىقەتەن بەك ئاددىي- ساددا ئىكەن. بۇ خىل كەيپىيات بەك ياخشى، ھەممىمىز خۇش بولدۇق. ئايال ۋاسكىتبولچىلارنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ماھارىتى قوزغىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت ماھارىتىمۇ قوزغىتىلىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. شۇ جايدىكى ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن ئارقان تارتىشىش ئەترىتى ئايال ۋاسكىتبولچىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەندە، قارشى تەرەپكە قەتئىي يول بەرمىدى. كەنت ئاھالىسى ئايشەم مۇنداق دېدى: مەن دائىم تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن. بۇ ئارقىلىق بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ھەم ناھايىتى قىزىقارلىق. نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئائىلە بويىچە بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلدى. كەنت ئاھالىسى مەمەت ئايۇپ مۇنداق دېدى: يىراقتىكى مېھمانلارنىڭ كەنتىمىزگە كەلگەنلىكىدىن بەك خوش بولدۇق. بۇ قىزلار ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىپتۇ. كىشىگە بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. قىزلار ئەسلى مانا مۇشۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر