باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى

2015.03.26 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 25-مارت تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 25-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىلدىكى تۇنجى تۈرلۈك قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشىنى باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، سەۋەبىنى ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكرى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر