خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گۇاڭجۇ شەھىرى بەييۈن تېغى مەنزىرە رايونىنىدىكى بۇ ئېسىل رېستوران، ئۆز ۋاقتىدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋەن چېڭلياڭ دائىم كېلىدىغان ھەشەمەتلىك جاي ئىدى. ئىلگىرى بۇ رېستۇراننى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىدمۇ قىلغان ئىدى. بۇ رېستوران ئالدىنقى ئايدا توختامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يەرگە باشقىدىن خېرىدار چاقىرىلغان بولۇپ، يىللىق ئىجارىسى بىر مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بۇ ئورۇن ھازىر گۈرۈچ ئۇنى تائاملىرى ئاشخانىسىغا ئايلانغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى