باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھۆججىتى چىقىرىلدى

2015.03.26 13:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەن يېقىندا تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيىسىنى تىزدىن يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھۆججىتىنى چىقاردى. 23-مارت شىنخۇا ئاگېنتىلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن بۇ ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەننىڭ تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيىسىنى تىزدىن يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغىچە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈزۈم شارائىتى ۋە سىياسەت قانۇن سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قاتارىغا كىرىشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىختىساسلىقلار، كاپىتال، تېخنىكا، بىلىمنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا جانلىق رىقابەتلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق قوغدىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى تېخىمۇ زور دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرىلىتىلىدۇ ؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىدۇ؛ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيىسى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىگىلىك يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ماتورى بەرپا قىلىنىدۇ؛ خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش لازىم. بازارنىڭ رىقابەتلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى تۈپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادىل، ئېچىۋىتىلگەن، ئاشكارا بازار شارائىتى بەرپا قىلىش كېرەك.رىقابەت سىياسىتى بىلەن كەسىپ سىياسىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىش لازىم. قاتتىق بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەيدىغان كەسىپ مونوپوللۇقى ۋە بازارنى بۆلۈشۈۋېلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى يېڭى سودا قېلىپىنىڭ ئىجازەتلىك كىرىشىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كەسىپ تېخنىكا سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىل باھاسىنى ۋەيران قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى:بازارنىڭ تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېچىش يۆنىلىشى، يولىنى تاللاش ۋە تۈرلۈك بايلىقنى تەقسىملەشتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ۋە تەشكىلى قېلىپىنى تەڭشەپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى بەلگىلەش، تەتقىق قىلىش ئېچىشقا ئاتلىنىش، پەن تەتقىقاتقا ئۇيۇشتۇرۇش ۋە پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، كارخانا ئاساسى گەۋدە بولغان كەسىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرلىق مالىيە باج سىياسىتىنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ،يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئالدى بىلەن قوللىنىشتىكى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى:بىلىمنى ھۆرمەتلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھۆرمەتلەشنى كۈچەيتىپ، ئەقلى ئەمگەك قىممىتىنى تەقسىملەش يېتەكچىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن تېخنىكا خادىملىرىنى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدە مۇۋاپىق نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇۋەپپەقىيەتنى ئايلاندۇرۇپ بايلىق يارىتىش لازىم. پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش، بىر تەرەپ قىلىش، ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى تىزتىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، پەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پاي ھوقۇقى رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. ئۇندىن باشقا پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەتنىڭ پەن تېخنىكىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساپ، كەسپى ئاپپاراتلارغا تايىنىپ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئاشكارا بىرلىككە كەلگەن دۆلەت پەن تېخنىكىنى باشقۇرۇش سەھنىسىنى بەرپا قىلىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ پەن تېخنىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە فۇنكسىيىلىك ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر