باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ جياگاڭنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئۇزاق بولدى

شەھەردە ئولتۇراقلىشىش چەكلىمىسى قاچان بوشۇتۇلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېيجيەن

2015.03.25 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» بۇلتۇر 7-ئايدا ئېلان قىلىنىپ، بازار ۋە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بوشۇتۇش، شەھەر نوپۇسى 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە بولغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەر نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش چەكلىمىسىنى تەرتىپ بويىچە بوشۇتۇش تەلەپ قىلىندى. مۇخبىرىمىز جياڭسۇ ئۆلكىسى جاڭ جياگاڭ شەھىرىگە بېرىپ، نوپۇس تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى نەتىجە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلىدى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى لىڭبى ناھىيەسىدىن كەلگەن جاۋ كەي بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، جاڭ جياگاڭدا خىزمەت قىلغىنىغا 12 يىل بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ جاينىڭ سىياسىتى ياخشى، شەھىرى پاكىز، پۇرسەت بولسا بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشنى خالايمەن.

  سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر يەرلىك كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جەملىمە نومۇر بويىچە باشقۇرۇش سىياسىتى بۇنىڭغا يول ئاچتى

  جاڭ جياگاڭ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پورت شەھىرىنىڭ بىرى. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بۇ يەرگە كەلدى. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ جياگاڭنىڭ يەرلىك نوپۇسى 890 مىڭ بولۇپ، 640 مىڭ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى باركەن، بۇنىڭ ئىچىدە 500 مىڭى ئەمگەك كۈچى بولۇپ، جاڭ جياگاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. جاۋ كەيگە ئوخشاش يېڭى شەھەر ئاھالىسى تۆھپە قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدىن ياكى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشتىن بەھرىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  «جاڭ جياگاڭ شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى يەرلىك كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىلەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» 2012-يىلى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى جەملىمە نومۇر بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. جاڭ جياگاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياۋ لىنرۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتنى ئاساسلىقى يېڭى شەھەر ئاھالىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، داۋالىنىش كاپالىتى ۋە نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن باشلىدۇق.

  بۇ «پىكىر» بويىچە ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى(ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى)بېجىرگەنلىكى جاڭ جياگاڭ شەھەر نوپۇسى ئەمەسلەر، جاڭ جياگاڭدا ئۇدا خىزمەت قىلغان ياكى ئولتۇراقلاشقان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشسىلا (بىر يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جەملىمە نومۇر بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدىكەن.

  جامائەت بايلىقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چەكلەپ، يەرلىكنىڭ مالىيە بېسىمى ئېغىر بولدى

  جياڭسۇ ئۆلكىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇنۇلارنى بېكىتتى: جاڭ جياگاڭنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى پۈتۈن ئۆلكىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر ۋە بازارلارنىڭ نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش چەكلىمىسىنى بوشۇتۇش، ئۆلكىگە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆچۈش تۈزۈمىنى تېزدىن يولغا قويۇش كېرەك. لېكىن ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ ئارقىسىدىكى زور مالىيە بېسىمى تۈپەيلى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ئالاقىدار نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسەتلىرىنى ئاسانلىقچە چىقىرالمىدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ھازىر سىرتتىن كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان 10 مىليون كىشى باركەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 مىليون كىشى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن، 4 مىليون كىشى باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ تەمىناتىدىن ئاساسىي جەھەتتىن بەھرىلەنمىگەن. بۇ 10 مىليون كىشىنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىلەندۈرۈشنىڭ ئارقىسىدىكى مالىيە بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر