باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

2015.03.25 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 24-مارت تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى 2015-يىلى 3-ئايدىن 12-ئايغىچە تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىسمەن ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ساقلانغان ئامما كۈچلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى «ۋاقتىدا، توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق، ئىنكاس قايتۇرماسلىق، ئىشلەتمەسلىك» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ «قېتىپ قېلىش»، «ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرۇش» قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ھەقىقىي يوقىتىش بۇ قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بەلگىلەنگەن بۇ قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى بولسا، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تور بېكىتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى(ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە قارمىقىدىكى مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تور بېكىتى؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى(گوۋۇيۈەننىڭ كومىتېت، مىنىستىرلىقى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) ۋە ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ تور بېكىتى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ قارمىقىدىكى مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تور بېكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى، ئۇچۇرلارنى يېڭىلاش ئەھۋالى، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇش ئەھۋالى ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇ قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر