- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما يېڭىدىن تەدبىر قوللىنىپ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015.03.26 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23-مارت، چەتئەل كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بىر قاتار يېڭى ھەرىكەت قوللىنىپ، چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلارغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە ۋىزا بېجىرىش جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئاق ساراي پارلامېنت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئەركىن سودا سۆھبىتىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەمدە كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى مىنىستىرى تۇنجى قېتىم قوشما ئىشتات مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنى قۇرۇپ، چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر