باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىللىق تاپاۋىتى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارشەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىدۇ

2015.03.26 10:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 23-مارت يىللىق تاپاۋىتى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلار شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىچىك پايدىسى ئاز كارخانىلار، يېرىمى ئازايتىلغان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسى 200 مىڭ يۈەنگىچە تۆۋەنلىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2015-يىلى 1-يانۋاردىن 2017-يىلى31- دېكابىرغىچە بۇ خىل كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجى ئۆلچىمىدە يىللىق تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يېرىمى ئازايتىلىدۇ. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ. كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مالىيە ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتى باج يىغىش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانىلار دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنىڭ ئۆزى كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش . ئىقتىساد يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن، بىز كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ كۆپلىگەن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ زورىيىۋاتىدۇ، باج ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر