باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئېلان قىلدى

2015.03.25 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بىرلىشىپ يېقىندا «جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشچان، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىسمەن جايلار ھوقۇق تىزىملىكىنى يولغا قويدى ۋە ئالاقىدار مەسئۇلىيەت تىزىملىكى جەھەتتە ئۈنۈملۈك ئىزدىنىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن بۇ يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر