باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ

10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپلەر توردا تىزىملىكنى ئېلان قىلىشى كېرەك

2014.07.30 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 29-چېسلا يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى، ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قوبۇللانغان ئوقۇغۇچىلار، مالىيە خامچوتى ۋە نەقچوتى، مەكتەپ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش قاتارلىقلارنى «ئالىي مەكتەپ ئۇچۇر ئاشكارىلاش ئىشلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ، بىۋاسىتە قاراشلىق 75 ئالىي مەكتەپنىڭ 2014-يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، مەكتەپ تورىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، تىزىملىكتىكى تۈر مەزمۇنلىرىنى بىردەك ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  10 چوڭ تۈر 50 ماددىلىق بۇ تىزىملىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مالىيە، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇچۇرلارغا چېتىلىدۇ، تىزىملىكتە دائىرە تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىنىپ، كونكرېت تۈرلەرگىچە تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر 2014-يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەكتەپ تورىدا ئۇچۇر ئاشكارىلاش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، تىزىملىكتىكى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىردەك ئېلان قىلىدۇ. ئېلان قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى تۈزۈشتە مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مائارىپنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر