باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئىنىق بەلگىلىمە چىقاردى

2014.07.16 22:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىل كىرىشى بىلەن، جايلاردا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىنىپ ئاتلاش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تۇنجى قېتىملىق قوللىنىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 15-چېسلا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن سىنىپ ئاتلايدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تەرتىپلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆلكە ئاتلاپ كېيىنكى مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇماقچى بولسا، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆلكە ئاتلاپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپنى ئاۋۋال سىستېما سىرتىدا جەزملەشتۈرۈش ھەم مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش لازىم. سىستېمىدا مەشغۇلات قىلغاندا، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ، قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپنى باشقۇرغۇچى مائارىپ تارمىقى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپنى باشقۇرىدىغان مائارىپ تارمىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىدۇ، تەكشۈرۈپ بېجىرىش تاماملانغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەيدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ ۋە مائارىپنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بېكىتىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر