باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى

2014.07.15 23:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم-سوۋغات پۇل، ئاكسىيە ۋە چىقىم ئىسپاتى قاتارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ھەرقانداق شەكىلدە تەلەپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىنى مەنئىي قىلدى.

  «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن ھۆرمەت پۇلى ئېلىش قىلمىشىنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ناملىق بۇ ھۆججەتتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە «قىزىل سىزىق» تۆۋەندىكىچە:

  (1) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم-سوۋغات پۇل، ئاكسىيە ۋە چىقىم ئىسپاتى قاتارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ھەرقانداق شەكىلدە تەلەپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛

  (2) ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئورۇنلاشتۇرغان ئىمتىھان، باھالاشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتلەرگە قاتنىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛

  (3) ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئورۇنلاشتۇرغان ۋە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغان ساياھەت، چېنىقىش، ئىستىراھەت قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛

  (4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى تۇغقانلىرىنىڭ خىراجەتلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا چىقىم قىلدۇرۇشى ياكى ئاتچوت قىلدۇرۇشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛

  (5) ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، تۇرمۇش لازىمەتلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق سودا مۇلازىمەتلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ سېتىپ ئارىدىن پايدا ئېلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛

  (6) خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئىي قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر