باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ

2014.06.15 22:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۈشەندۈرگۈچى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى

  مۇخبىر: بەي تيەنلياڭ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، «شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى چارىدە شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئارىسىدا كۆۋرۈك سېلىنغان بولۇپ، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىلغان. بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈشنى بېجىرىش بەلگىلىمىسى» ۋە «شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ئوخشىمىغان كۈتۈنۈش تۈزۈمىگە قانداق يۆتكىلىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا يەتسە، ئاھالە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا يۆتكىگىلى بولىدۇ

  «ۋاقىتلىق چارە»دە تۈزۈم ھالقىغان ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش، يەنى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىندى. بۇ سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ياكى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە، ھەم رايونلار ئارا يۆتكىلىشى ھەم تۈزۈم ئارا ھالقىشىغا چېتىشلىق بولغاچقا، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى يەكەك تۈزۈم شارائىتىدا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىياجى بار سۇغۇرتىلانغۇچىغا نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىمى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى، شەرتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتنى ھېسابلاش پىرىنسىپىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر