- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


5-ئايدا باج كىرىمى %6.2 ئاشتى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ باج كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى
2014.06.16 01:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇن دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 5- ئايدا مەملىكەت بويىچە باج ئىشلىرى تارماقلىرى يىغقان باج كىرىمى 1 تىرىليون 43 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئېكىسپورتتا قايتۇرۇلغان باج 94 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.5 ئاشقان.
3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتى 2-كەسىپنىڭكىدىن تېز بولغان. بۇ باج كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى جەھەتتىمۇ ئىسپاتلاندى. 5-ئايدا باج كىرىمى %3.4، 3-كەسىپنىڭ باج كىرىمى %6.8 ئاشقان. ئېشىش تۆھپىسىدىن قارىغاندا 2- كەسىپنىڭ %24.5، 3-كەسىپنىڭ %74.9 بولغان. ئالدىنقى بەش ئايدا باج كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2-كەسىپنىڭ%44.1 كە، 3-كەسىپنىڭ %55.7 كە يەتكەن، 3-كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى تۆت ئايدىكىدىن داۋاملىق ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر