- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو پەنلار ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلارنى مەمۇرىي تارماقلار كۆرسىتىشنى بىكار قىلدى
2014.06.16 00:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئېچىلىۋاتقان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا «جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان. ئىلمىيلىقى، شەرەپچانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەمۇرىي تارماقلار تەۋسىيە قىلىش بىكار قىلىنغان.
ئاكادېمىكلارنى سايلاش يولى جەھەتتە، ئىلگىرى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قاتارلىقلار ئاكادېمىكلارنىڭ نامزاتلىرىنى تەۋسىيە قىلسا بولاتتى. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى نىزامنامىدە ئاكادېمىكلارنىڭ نامزاتلىرىنى ئاكادېمىكلار تەۋسىيە قىلىش ۋە ئالاقىدار ئىلمىي تەشكىلاتلار تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يول بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
چېكىنىش مېخانىزمى جەھەتتە ئاكادېمىكلار چەتئەل تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن ئاكادېمىك نامىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىشتەك بەلگىلىمە ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا، يېڭى نىزامنامىدە ئاكادېمىكلارنىڭ ئاكادېمىك نامىدىن ۋاز كېچىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى بەلگىلەندى ھەمدە چېكىنىشكە نەسىھەت قىلىش مېخانىزمى كۆپەيتىلدى، ئاكادېمىكلارنىڭ شەخسىي ھەرىكىتى ئىلمىي ئەخلاققا ئېغىر خىلاپ بولسا، ئەخلاقى ناچار بولۇپ، ئاكادېمىكلار ئاممىسى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ نوپۇزىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزسە ئاكادېمىكلارنى ئاكادېمىك دېگەن نامدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىش بەلگىلەندى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئالاھىدە ئېغىر بولسا ھەمدە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا چېقىلسا، ئاكادېمىك دېگەن نامى بىكار قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر