باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ سەككىز مىنىستىرلىك كومىتېتى بىرلىشىپ مۇھىتنى ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2014.06.16 01:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق گوۋۇيۈەننىڭ سەككىز مىنىستىرلىق كومىتېتى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا بىرلىشىپ تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى رەتكە سېلىپ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىتنى ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جۇ شېڭشيەن مۇنداق دېدى: مۇھىتنى نازارەت قىلىش قانۇن ئىجراسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىت ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە. 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە 1مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم قانۇن ئىجراسى خادىمى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، 710 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كارخانا تەكشۈرۈلدى، مۇھىتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغان مەسىلىدىن 6499 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 1523 ىنىڭ بېجىرىلىشىگە مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر