- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۇرۇق، پىلە قۇرتى ۋە كىچىك سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزىنىڭ باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى
2014.06.16 01:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 13-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۇرۇقلۇق، پىلە قۇرتى ۋە كىچىك سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزنىڭ باھاسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا ھۆكۈمەت يېتەكچىك قىلىش باھاسىنى يولغا قويىدىغان يەرلىكتىن ئالاقىدار رەسمىيەت بويىچە باھانى تېزراق قويۇپ بېرىپ، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى.
تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇرۇقلۇق، پىلى قۇرتى ۋە كىچىك سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇز بىلەن تەمىنلەش ئاساسى گەۋدىسى كۆپ خىللاشتى، بازاردا رىقابەت يېتەرلىك، باھانى قويۇپ بېرىش بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىشقا پايدىلىق، بازار بايلىقىنى جانلىق تەقسىم قىلىپ، ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىر تۇتاش قويۇۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان بازار سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر