باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت ئىستىلغا ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ئوتتۇرغا قويۇلدى

2014.06.16 00:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «2-تۈركۈمدىكى تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە 4 ناتوغرا ئىستىلگە ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 4 ناتوغرا ئىستىلگە ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 7 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈگىمەس ھۆججەت تارقىتىش، ئۈزۈلدۈرمەي يىغىن ئېچىش، تەكشۈرۈپ باھالاش يامراپ كېتىش، تۈزەش تەس بولۇش، پوزىتسىيە ناچار بولۇش، ئىش بېجىرىش تەس بولۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، يەپ ئىچىش، ئىسراپچىلىق قىلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ماشىنىسى سەپلەش، ئىشخانىلارنىڭ چوڭىنى ئىگىلىۋېلىش، بىنا، ساراي، مەيدانلارنى يېڭىدىن سېلىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجى چىقىمى بەك كۆپ بولۇشنى تۈزەش، ئوبراز قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەش، يىغىن سورۇنلىرىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى تەس بولۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، جەرىمانە قويۇش، سېلىق چېچىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، ئاممىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك، ئاممىنىڭ مال مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزەش كېرەك. مەخسۇس تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوبدان قىلىپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلەپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىكتە تۈزەپ، ئامما قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئىستىل ۋە ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار مەخسۇس تۈزەشكە بولغان رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە سەل قارىغان ئورۇنلارنىڭ 1-قول باشلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىش لازىم؛ مۇھىم ئىشلارغا سەل قارىغان، ئېغىر مەسىلىلەرگە تېگىش قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارغا قارىتا كەسكىن كۆرسەتمە بېرىش، ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش كېرەك؛ ئۆز مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرمىگەنلەر بولسا چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇش كېرەك، توغرا ۋە ئەمەلىي ئىش قىلمىغان، شەكىلۋازلىق قىلغانلار بولسا قاتتىق تەنقىد قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر