ئىسرائىلىيە دۆلەت موداپىئە ئارمىيەسى 15-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىمى ھەمدە ساقچىلىرى 12-ئىيۇن تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ نەپەر يەھۇدىي ياشنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىرلەشمە ھەرىكەت ئىلىپ بېرىپ، تەخمىنەن پەلەستىنلىك 80 كىشىنى تۇتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۈچ يەھۇدىي ياش ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىدىكى يەھۇدىيلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، ئۇلار 12-ئىيۇن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ماشىنا بىلەن ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن. 14-ئىيۇن كەچتە، زۇڭلى نىتانىياخۇ تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ بىر تېررورچى تەشكىلات تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.