باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە يامان غەرىزىنى ئاشكارىلىدى

2014.06.15 23:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىز ماجراسىدىكى دەۋاگەر ئەمەس، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقى يوق، ئارلىشىش سالاھىيىتى تېخىمۇ يوق، جەنۇبىي دېڭىزدىن يىراق بۇ دۆلەت جەنۇبىي دېڭىزغا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىخ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى، ياپونىيە يېقىنقى بىرقانچە يىلدا پەردە ئارقىسىدىن ئاشكارە ھالدا پەردە ئالدىغا ئۆتۈپ تېخىمۇ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، بارغانسېرى خىرىس قىلىۋاتىدۇ.

  11-ئىيۇن ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە بىر قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، جۇڭگونى شىشا تاقىم ئارىلىدا نېفىت بۇرغىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى دەپ ئەيىپلەپ،« ياپونىيە جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمەلىي كۈچى ئاقرىلىق زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ دېدى ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا ۋە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونى خەلقئارا قانۇنغا رائىيە قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىسپاتى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يوقارقى قىلمىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىزىنى باسقانلىق، ئالدىنقى ئايدا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىيشىنزو زىيارەتكە كەلگەن ۋېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋۇدېجەن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلغان ئىدى.

  جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى كۇزۇر قىلىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ــ ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى ئاخىرقى غەرىزى، ياپونىيەنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن تارىخىي مەسىلە ۋە زېمىن دېڭىز ئوكيان ماجراسى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېشىش قىيىن بولغان چېگىشكە ئايلاندى، ئابىيشىنزو ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىمىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە دۆلەت ئىچىدە كۈنسىېرى مۇنداق بىر تەپەككۇر كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەت بولۇش مۇساپىسىدىكى پۇتلىكاشاڭ دەپ قاراش، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ، جۇڭگو بىلەن زىددىيىتى بار، جۇڭگوغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارايدىغان دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ، جۇڭگوغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ياپونيە پارلامېنتىنىڭ يوقارقى قارار لايىھەسىنىڭ مەقسىتى شەك شۆبىسىزكى جۇڭگوغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇش.

  ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى جۈملىدىن نەنشا، شىشا تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالدى، «قاھىرە ختاپنامىسى»،« بوستۇن ئاخباراتى» ھەمدە باشقا خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ ئېلىۋالغان جۇڭگو زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئېنىق بەلگىلەنگەن، بۇ نەنشا، شىشا تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى نەنشا، شىشا تاقىم ئارىلىغا ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئاراللارنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئەۋەتتى، بىرقانچە ئاساسلىق ئاراللارغا جۇڭگونىڭ تەسلىم بولۇشنى قوبۇل قىلىشقا بارغان دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئىسمى قويۇلدى، بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ قۇدۇق بۇرغۇلاش سەھنىسى 981 مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دېڭىز ساھىلى جۇڭجيەن ئارىلىغا تەۋە، جۇڭجيەن ئارىلى ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوتى جۇڭجيەننىڭ ئىسمى بىلەن قويۇلغان، 1952-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن، پېڭخۇ ئارىلى ۋە نەنشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئارىلىغا بولغان بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى رەسمىي بىلدۈردى، خەلقائارا قانۇنغا ئاساسەن شىشا تاقىم ئارىلى قاتارلىق جەنۇبىي دېڭىزدىكى نۇرغۇن ئاراللار ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى، ياپونىيەنىڭ يەنە ئىلگىرى ئۆزلىرى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان يەرنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە قالايمىقان گەپ قىلىشقا قانداق سالاھىيىتى توشىدۇ؟ ئەجىبا ئوغرى ئوغۇرلانغان نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى قارار قىلامدۇ؟

  يولسىزلىق قىلىش، كۆزىنى يۇمۇپلا يالغان سۆز قىلىش ياپونىيەنىڭ ئويناپ كۆنگەن ئويۇنى، ياپونىيە مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئەجىبا نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتالامدۇ؟

  ياپونىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، جۇڭگو ئەمەلىي كۈچىنى شېپى كەلتۈرۈپ زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغىنى يوق، بەلكى پاكىتنى ئاساس قىلىپ زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە قوغدىدى، بۇ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن، ياپونىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھوقۇقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ياپونىيەنىڭ يەنىلا بىر نورمال دۆلەت ئەمەسلىكى، نورمال دېگەن سۆزدىن خېلىلا يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ خالاس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر