15-ئىيۇن ، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكىنىگە 100 كۈن بولدى ، ئايروپىلان بىلەن تەڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشى بېيجىڭ يوڭخې سارىيىغا يىغىلىپ ، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى .ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كەتكىنىگە شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىدى ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان بۇ كىشىلەر يەنىلا تەڭرىدىن ئۇلارغا ئامان-ئېسەنلىك تىلىدى .