باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق جۇڭگو كومپيۇتېر يىغىنىغا چوڭ سان سېفىرلار دەۋرىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە مۇجەسسەملىشىدۇ

2014.06.12 23:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 11- ئىيۇن جۇڭگو كومپىيوتور ئىلمىي جەمئىيىتىدىن ئۇقۇشىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى كومپىيۇتور ساھەسىدىكى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كاتتا ئىلمىي يىغىن بولغان جۇڭگو كومپىيوتور يىغىنى 23-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە خېنەننىڭ جېڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىنغا چوڭ سان سېفىرلار دەۋردىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇجەسسەملىنىدىكەن. ھەمدە ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلىسى، سىفىرلىق داۋالاش قاتارلىق ئىلمىي ساھەدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

  يىغىندا پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، نەشرىيات قاتارلىقلار ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. يىغىندا يەنە چوڭ مۇسابىقە، كۆرگەزمە، مەبلەغ سېلىش يەرمەنكىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ ھەمدە تور ۋە تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر