- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى
2014.06.12 23:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى تورىنىڭ 11-ئىيۇندىكى بىر ھۆججىتىگە ئاساسەن، رايونلار ئالاقىدار تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۆلكە مەركەزلىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن شەھەرلەردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا نوپۇسنى چەكلەش خاراكتېرلىك شەرت قىلماسلىقى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خادىم قوبۇل قىلىشتا مىللەت، ئېرىق، جىنس ، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق كەمسىتىش خاراكتېرلىك شەرتنى قويسا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنى چەكلەش خاراكتېرلىك شەرت قىلسا بولمايدۇ.
ھۆججەتتىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىچىك مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشسا، مۇستەقىل ئىگىلىك ياراتسا، ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى شۇ جايدىكى شەھەر، ناھىيەلىك 1-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى ھەقسىز ساقلاپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر