باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج ئىشلىرى ئىدارىسى 2014-يىللىق باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2014.05.22 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 21-ماي دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا 2014-يىللىق باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئىستاتىستىكا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ لايىھە بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى خامچوت پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىسىمدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرغۇچىلار ياكى باج ئېلىش ئوبىكىتلىرىنىڭ باج سېلىقىنى يېنىكلىتىش ياكى بىكار قىلىشتەك ئېتىبار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدىكەن.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باج ئىشلىرى ئورگانلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ نەقلەشتۈرۈپ، باج كېمەيتىش ئومۇمىي مىقدار كۆلىمى، ئاساسلىق باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش تۈرلىرى شۇنداقلا كېمەيتىلگەن باجنىڭ رايون، كارخانا ۋە كەسىپلەردىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، بىرىنچى قول ئومۇمىيۈزلۈك باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئىستاتىسىكا خامچوت ماتېرىيالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، باج كېمەيتىش ۋە باج مەنبىيى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ھەقىقىي تۈردە ئىگەللەپ، باج كېمەيتىشنى باشقۇرۇش ئارخىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر