باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند ئارمىيەسى ئاساسىي قانۇننى «ۋاقىتلىق توختاتقانلىقى»نى جاكارلىدى

2014.05.25 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ماي، تايلاند پايتەختى بانكۇكتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تارقىتىشقا تەييارلاندى. شۇ كۈنى تايلاند ئارمىيەسى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى «ۋاقىتلىق توختاتقانلىقى»نى ۋە قارانچۇق ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى، لېكىن كېڭەش پالاتاسى ۋە مۇستەقىل ئاپپاراتلارنىڭ فونكسىيەسىنى داۋاملىق ئادا قىلسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى بايۈ سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن «مەملىكەتلىك تىنچلىق ۋە تەرتىپ ساقلاش كومىتېتى» قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، كومىتېتت ھەرقايسى سىياسىي گۇرۇھقا تەۋە نامايىشچىلارنىڭ تارقىلىپ ئۆيىگە كېتىشى ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى. ھازىرغا قەدەر، بانكۇك شەھەر ئەتراپىدىكى «قىزىل مايكىلىقلار»، زۇڭلى مەھكىمىسى ئەتراپىدىكى ۋە چاتۋاتتانا ھۆكۈمەت مەركىزىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قايتىشقا تەرەددۇتلاندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر