باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پوتىن تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەسى ئەيىبلىدى

2014.05.26 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگودىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە مۇشۇنداق قانلىق جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ. ئىشىنىمەنكى ئىش تېرىغۇچىلار ۋە تەشكىلاتلارغا جەزمەن دېلو تۇرغۇزىلىدۇ ھەمدە تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يېقىندا شاڭخەيدىكى سۆھبىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە پوتىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پوتىن قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈردى ھەمدە بارلىق يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر