باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

2014.05.26 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش كېڭىشى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، شەھەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ 23-مايدىن 24-مايغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ ۋە شەھەر باشلىقى ياڭ شيوڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى، كارخانا، باغچە رايونلىرى ۋە پەن تەتقىقات بازىلىرىغا بېرىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تەكشۈرۈش مەزگىلىدە شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شاڭخەينىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەي چوقۇم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى بىلىم بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ، دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىنچىكە ئىشلار، كىچىك ئىشلاردا كۈچ سەرپ قىلىشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دائىملاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇش، تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، ھەر بىر كىشىگە ھېس قىلدۇرۇش، ئىچكى جەھەتتە روھىي نىشانغا ئايلاندۇرۇش، سىرتقا جەھەتتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، پاك دىيانەتلىك، تەلەپچان بولۇش كېرەك، پۈتۈن جەمئىيەتكە قارىتا بۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىشتا ئاساسلىقى رەھبىرىي كادىرلار، جامائەت ئەربابلىرى، ياش ئۆسمۈرلەر، ئىلغار تىپلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىدىكى باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش شاڭخەينىڭ ئۆز تەرەققىياتنىڭ تەلىپى شۇنداقلا مەركەزنىڭ شاڭخەيگە تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىسى، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش پىلانى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن مەملىكەتلىك شەھەر بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، رايونلار پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يىراقنى كۆرەر تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، بىرگەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەينى زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، كادىرلار قوشۇنىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك، شاڭخەيدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار نەزىرىنى دۇنياغا، پۈتۈن مەملىكەتكە قارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ، ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات، ئىگىلىك يارىتىشتا دۆلەت ئىچىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە خەلقئارا سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا، رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك، ئەستايىدىل بولۇپ، كۆپرەك ئۆگىنىپ، كۆپرەك تەپەككۇر قىلىپ، بىلىمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلاپ ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى پىلان، يېڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭىدىن بۆسۈش، ئىشلارغا يۈز تۇرانە، پەرقلىق قاراشقا، سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك، ئېتىقاد كۈچلىرى ۋە ئەخلاق كۈچلىرىنى ئاشۇرۇپ، ھوقۇققا، ئابرۇي مەنپەئەتكە، ئاممىغا توغرا قاراپ، سەگەك بولۇپ، خەلق ئۈچۈن پاك بولۇپ ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر