باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار قاتتىق تېجەشلىك بولماقتا

2014.05.26 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داستىخان ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىق، ماشىنا ئىشلىتىشتىكى ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ساراي، ئارامخانىلاردىكى ھەشەمەتچىلىكنى، بايرام مەزگىلىدىكى ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەشكىچە، يەنە پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى نىزامىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ئاخىرى قەتئىي بوشاشماي ئىسراپچىلىققا قارشى تۇردى، جايلار ۋە تارماقلار تېجەشلىك بولۇش تەدبىرىنى قەتىئي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىسراپ قىلىش ھادىسىسىنى توستى، ئالاقىدار تۈزۈملەر ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى، قاتتىق تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش سادالىرى كۈنسېرى كۈچەيدى، ئىرادە كۈنسېرى چىڭىدى.

  ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى « ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىشتىكى ئىسراپچىلىق شامىلىنى توسۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، 8 تۈرلۈك تەدبىرنى ئېنىق بەلگىلەپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ ئىچىش شامىلىنى قاتتىق توسۇپ، داستىخان ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىقنى قەتئىي رەت قىلدى.

  2013-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈ جۇ شەھىرى ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى پۈتۈن شەھەرنىڭ يىللىق نەتىجە باھالاش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزدى، شەھەر بويىچە مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئىشلىتىدىغان 3مىڭدىن ئارتۇق ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئېنېرگىيە سەرپىياتنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  بۇ يىل 2-ئايدا جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت « جياڭشى ئۆلكىسىدىكى پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەپسىلاتى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش قارىشىنى بارلىق كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاڭلىقلىق بىلەن تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزىدىغان، مەرىكە، چوڭ يىغىنلارنى ئاچمايدىغان، سىرتتىن كۆپ مېھمان تەكلىپ قىلمايدىغان بولدى، بۇ ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر