باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇردى

2014.05.30 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇردى.

  بۇلتۇر ئۈرۈمچى كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى توختىتىپ، شامال ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا قاراپ ئۆزگىرىش ياساشتىكى 5 ئاساسلىق ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى توختىتىش پىلانىنى باشلىدى. داۋانچىڭ شامال كۈچى ئېلىكتىر ئىستانسىسى 60 يىللىق تارىخقا ئىگە شىنجياڭدىكى تۇنجى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان، جىنفېڭ پەن-تېخنىكىسى شىنجياڭدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ھىمايىگە ئېرىشتى. 2013-يىلى ئۇلار ئىچكى بازارنىڭ %23تى، تاشقى بازارنىڭ %10نى قولغا كەلتۈردى. 2014-يىلى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %60 تىن ئېشىشى مۇمكىن. شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يەرلىك يېڭى ئېنىرگىيە كارخانىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ سۈرئىتى ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستتىنىڭ قارا شەھەر بازىرىدىكى دېھقانلارمۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھىس قىلدى. 2011-يىلى كەنت ئاھالىلىرى كالا بېقىش كوپىراتىۋى قۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەبلەغ توپلاش، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق، تولۇق بىر يۈرۈش ئەسلىھە-جابدۇق سېتىۋېلىپ، يەم-خەشەكلەرنى ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشىدى.

  بۇلتۇر كۈزدىن ھازىرغىچە، بۇ كوپىراتىپ 700 كالىنى قوتاندىن چىقىرىپ، 1 مىليون 50 مىڭ يەن كىرىم قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا 4 يىل يېڭىدىن ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرغان.

  2013-يىلى شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىرىمى ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 4 يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، غەربى رايونلارنىڭ ئوتتۇرۇچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر