باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ؟

2014.05.30 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى ئاياغلاشتى. ئۆكتىچى پارتىيە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 751 ئورۇننىڭ 140 غا ئېرىشەلەيدىغان بولدى. ئۇدا تۆۋەن بولغان ئاۋاز بېرىش نىسبىتى رادىكال پارتىيەگە پايدىلىق پۇرسەت كەلگەنلىكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارالدى.

  ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى ھۆكۈمەت تور بېكىتى 27-ماي ئېلان قىلغان نەتىجىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتتىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى ئىچىدە، بۇ قېتىمقى سايلامغا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان سايلىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %43.09 بولۇپ، 2009-يىلىدىكى سايلامدا يارىتىلغان تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن بولغان %43 لىك ئاۋاز بېرىش نىسبىتى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، سىلوۋاكىيەنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ئاران %13 بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتتى، چېخنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %20 كىمۇ يەتمىدى، پولشا، سىلوۋېنىيە، ۋېنگرىيە ۋە 2013-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن كىرودىيەنىڭ ئاۋاز بېرىش نىسبىتىمۇ %30 تىن تۆۋەن بولدى.

  1979-يىلى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا بىۋاسىتە سايلاش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سايلامغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %62 تىن بىراقلا تۆۋەنلەپ %43 كە چۈشۈپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللاش نىسبىتى ۋە قانۇنلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولغان ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارىشى بىردەك بولمىدى.

  ئىلگىرى بەزىلەر تۆۋەن ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھوقۇق چېكىنىڭ بەك تار بولغانلىقىغا ئارتىپ قويغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، 2009-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان «لىسبون شەرتنامىسى»دە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ نۇرغۇن ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلدى، مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدەك ئوڭايسىز ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرەلمىدى.

  ئەمەلىيەتتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى ھەم ھەرىكىتىگە بولغان چۈشەنچىسى بەك ئاز، ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئورۇن-ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇڭا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ساداسى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سايلانغاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە خىزمەت قىلماستىن، بەلكى سىياسىي گۇرۇھلارغا ئاساسەن پارتىيە ئىتتىپاقى خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى بىۋاسىتە قاندۇرۇش ناھايىتى تەس. شۇڭا، ئۇزۇن مۇددەت ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن سەل قارالغان سايلىغۇچىلار قانداقمۇ سايلامغا قىزغىن پوزىتسىيەدە بولسۇن؟

  بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىدا، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بەك تۆۋەن بولغان ئاۋاز بېرىش نىسبىتى پۈتۈن ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرققە كېڭەيگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى بولغان مەزگىلدە، بەك تۆۋەن بولغان ئاۋاز بېرىش نىسبىتى-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرىكىش دەرىجىسىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان تەۋەلىك ئېڭىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئەلرايىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، خېلى كۆپ قىسىم سايلىغۇچىلارنىڭ قولىدىكى ئاۋازدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنى جازالىماقچى بولغانلىقىدىن، تۆۋەن ئاۋاز بېرىش نىسبىتى رادىكال پارتىيەگە پايدىلىق بولدى. بۇ ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر قىسىم كىچىك پارتىيەلەر ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغان پارتىيەلەرنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا بىردىنلا قەد كۆتۈرگەنلىكىگە ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ياۋرو رايونى ئىگىلىك ھوقۇق قەرز كىرىزىسىنىڭ زەربىسىدە، ياۋروپا ئاممىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن بەكلا نارازى بولۇپ، ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلدى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى، كۆچمەنلەر، ياۋروغا قارشى تۇرغان پارتىيەلەرنى قوللىدى.

  بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قارايدىغان بولساق، 16 مىليون ياۋرولۇق چىقىم، تورنى كەڭ قاپلىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ھېسابات نومۇرى، كۆپ مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان مەخسۇس تور ئويۇنى جەھەتتىن شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، ياۋروپا پارلامېنتى سايلىغۇچىلارنى سايلامغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشقا پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سالغان دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، سايلىغۇچىلار ئۆزلىرى بەرگەن ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتنى كۆرمىسە، شۇنچە كۆپ چىقىم بىلەن قىلغان تەشۋىقات بىكارغا كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر