باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ئەڭ قاتتىق بولغان مۇھىت باھالاش تۈزۈمى مەيدانغا كەلدى، بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ

2014.05.30 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇھىت ئاسراش ساھەسى ۋە ھازىرقى باھالاش تۈزۈمىگە نىسبەتەن، باھالاش چارىسىدە بەزىبىر يېڭى يارقىن نۇقتىلار بار: باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ قۇرۇلمىسىدا، باھالاش چارىسىدە ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ مەنبەسى، جەريانى ۋە ئاخىرقى باسقۇچىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. باھالاش ئۇسۇلىنى تاللاشتا، باھالاش چارىسىدە ئەنئەنىۋى ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئاساسىدا، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇتلەق چەكلىمىلىك رولىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاخىرقى باھالاشتا، سۈپەتنىڭ ياخشىلىنىش ئۈنۈمىنى «بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويۇلىدۇ. باھالاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشتا، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دائىمىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوشۇمچە قىلىپ، دائىمىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى دائىمىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن بىرىكتۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، دائىمىي ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر