باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانسىتاندىن چېكىنمەكچى (خەلقئارا نەزەر نۇقتىسى)

2014.05.30 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27-ماي ئاقسارايدىكى قىزىلگۈللۈكتە سۆز قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى نۆۋەتتىكى 32 مىڭدىن تەخمىنەن 9800 گە قىسقارتىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى يەنە يېرىمىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ھەمدە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇتلەق قىسىم ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىل قىلىنىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ پەيتتە ئەسكەر چېكىندۈرۈش كۈنتەرتىپىنى جاكارلىشتا ئىككى ئافغانسىتان زۇڭتۇڭ نامزاتىغا ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى تەكىتلەش ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا-ئافغانىستان «قوش تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نىڭ تېزدىن ئىمزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئافغانسىتان ئۇرۇشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى ۋە خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى بېسىقتۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخى ياخشىلانغىنى يوق، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ، بۇ كىشىگە «چاتاقنى تېرىپ قويۇپ ئۆزى تىكىۋېتىش»تەك تەسىر بېرىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر