- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئېلىنىدۇ
2014.05.28 09:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
26-ماي ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ بايراملاردا يەتتە كىشلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول ھەققى ئالماسلىق ›› چارىسىغا ئاساسەن ، شىنجاڭدا چاغان ، چوكانتال بايرىمى ، ماي بايرىمى ، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن ھەقسىز ئۆتىدىغان بولۇپ ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تاڭزۇڭزا چاغىنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن .
قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ، ماي بايرىمى ۋە چوكانتال بايرىمىغا ئوخشاشلا يولۇچىلار ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈرۈمچى-تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، S201 لىنىيەسىدە يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن ، شۇڭا سىرتقا چىقماقچى بولغان يولۇچىلار سەپەرگە چىققاندا قايسى يولدىن مېڭىشنى ئالدىن پىلانلاپ يول يۈرۈشى كېرەككەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر