باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.05.30 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى ھەم ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى-پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قورغىنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى. ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش-ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇشتىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشتا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسلىق ۋەزىپە، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا، ئاممىغا، پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇش، ماھارىتى يۇقىرى غوللۇق قوشۇن بولۇش، ئىقتىدارى ياراملىق مۇلازىمەت سورۇنى بولۇش، شەكلى كۆپ خىل مۇلازىمەت ۋاسىتىسى، مۇكەممەل تۈزۈم مېخانىزمى، ئامما رازى بولىدىغان مۇلازىمەت نەتىجىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئالتە بار بولۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتكوملارنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، تەشكىلات تارماقلىرى باش بولۇپ ماسلاشتۇرۇپ، كەسىپ سىستېمىسى كونكرېت يېتەكلەپ، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئومۇمىي بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش؛ شۇجى چىڭ تۇتۇش، شۇجىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، ناھىيە، يېزىلىق پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى دوكلاتىنى باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مۇھىم نۇقتىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بايلىقى، ئىقتىدارى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر