باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

2014.05.27 20:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى 26-ماي يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات،تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىغا چېتىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتىلغان فاڭجېنى تامامەن توغرا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جىددىي ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ سېڭىپ كېرىشى ۋە يامرىشىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غەلىبە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر