باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پوروشىنكونىڭ ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زوڭتۇڭلىقىغا سايلىنىشى جەزملەشتى

2014.05.30 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-مايدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ قەنت-گېزەك باي سودىگىرى پوروشىنكونىڭ ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زوڭتۇڭلىقىغا سايلىنىشى جەزملەشكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى شەھەر دونىستىكتا كەسكىن توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. گەرچە قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن توقۇنۇش ۋاقتىنچە توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ئىش.

  كىشىلەر ئۇكرائىنانىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا يېڭى زوڭتۇڭنىڭ ئۇكرائىنانى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يولىغا باشلاش ياكى باشلىيالماسلىقى ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىشماقتا.

  ئۇكرائىنانىڭ ئازاب ئوقۇبىتىدىكى ئازاب دەل چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىدا كۆرۈلمەكتە. ئۇكرائىنا 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆتكىلىدىن ئىبارەت ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا جايلاشقانلىقتىن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنېشىشىدىكى مۇھىم ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى. سىياسىي ۋەزىيەت تاشقى تەسىردىن پات پات داۋالغۇپ تۇردى. ھەر قايسى گۇرۇھ، سىياسىي كۈچلەرنىڭ ماجىرالىرى ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن سىياسىي مۇقىم بولمىدى، ئىقتىسادنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قىيىنغا توختىدى. ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 1990-يىلىدىكى سەۋىيىگە قايتىپ كېلەلمىدى.

  ئۇكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يەنىلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشىنى پەيدا قىلدى. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقنى يىغىشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى پولات سىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ.ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى سىياسىي سەھنىسىدىن قارىغاندا، كۆپلىگەن تەرەپلەر پوروشىنكونى پولات سىمدا مېڭىشقا ماھىر نامزات دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى مول، ھەمدە روشەن گۇرۇھ تۈسى يوق. ئۇ ئىلگىرى پارلامېنت ئەزاسى ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت موداپىئە كومىتېتىنىڭ كاتىپى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى بولغان؛ غەرب پەرەس يوۋشىنكو ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە پەرەس يانوكىۋىچ ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان تەجرىبىسى بار. ئۇنىڭ سىياسىي قارىشىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى قوللىمايدۇ. دۆلەتنىڭ فېدېراتسىيىلىشىشىگە قارشى تۇرىدۇ، لېكىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن سۆزلىشىشنى قوللايدۇ. بۇنى ھەر قايسى كۈچلەر قوبۇل قىلىدۇ.

  سايلامدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، پوروشىنكو ئۇكرائىن تىلى، رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن سۆزلىشىش پوزىتىسىيىسىنى نامايان قىلدى. ئۇ رۇسىيىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمى بىلەن يارىشىش مۇساپىسىگە قاتنىشىش؛ سىياسىي تازىلاش ئېلىپ بارماسلىق، ھازىرقى باش مىنىستىر بىلەن كابىنېتنى ساقلاپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ سومالىغا ئوخشاپ قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. كىشىلەر بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارىدى.

  پوروشىنكونىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش تەجرىبىسى ۋە ئىلگىرىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان خەلقنىڭ قوللاش نىسبىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، ھەر قايسى تەرەپلەر دوستلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا سايلىمى نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇكرائىنا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرىكىلمۇ پوروشىنكونى قوللاش ئۇچۇرىنى تارقاتتى.

  بىراق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىكى ئازاب ئوقۇبەت دەرىجىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. پوروشىنكو زوڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن،بىر يۈرۈش خىرىسقا جەزمەن دۇچ كېلىدۇ . بىرىنچىدىن: ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. شەرقىي قىسىمدىكى دونىستىك ئوبلاستى بىلەن لۇگانسىك ئوبلاستىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن : مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. مىللىي يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ئارىسىدىكى دەزنى تولۇقلاش لازىم. ئۈچىنچىدىن: كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بۇنداق قىيىن ۋەزىيەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر دوستلۇق، ئەمەلىي،جانلىقلىقىنى پائال ئىپادىلەپ، ئومۇمىي بۆلگۈچى سان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

  كىشىلەر پوروشىنكودىن ئۇكرائىنادىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، تاتلىق كەمپۈت بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قۇرۇپ كەتكەن ئاغزىغا تەم كىرگۈزۈپ، دۆلەتكە مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر