باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەملىكەت مىقياسىدا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كېڭەيتىلىدۇ

2014.05.30 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى»نى ئېلان قىلدى. 2014-يىلى داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ‐‐ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم بەرپا قىلىش تەلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ 12-بەش يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى جۇڭگوچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىشتىن ئىبارەت.داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم ۋەزىپىسى ‐‐ ئالدى بىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈشنى ۋە مەبلەغ توپلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تۆلەش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى داۋالاش مۇلازىمىتىنى رىغبەتلەندۈردىغان ۋە چەكلەيدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىش مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەل كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش لازىم. مەملىكەت مىقياسىدا شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلاردا داۋالاش بويىچە پاناھلاندۇرۇش، كېسەللەرنى جىددىي پاناھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ياقا يۇرتتا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشقا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پېنسىيەگە چىققانلارنى ياقا يۇرتقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆلكە ھالقىغان ياقا يۇرتتا داۋالىنىشنى نەق ۋاقتىدا راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛ سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان يېتەكچى ھۆججەتنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، بالىلار سۇغۇرتىسى، ئۇزاق مۇددەتلىك قاراش سۇغۇرتىسى ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى پائال يارىتىش كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر