باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى 25-ماي يېپىلدى

2014.05.30 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ماي «لىسبون شەرتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى يېپىلدى. گەرچە ئوتتۇرا ئوڭ قانات ۋە ئوتتۇرا سول قانات پارتىيە گۇرۇھ داۋاملىق ياۋروپا پارلامېنتىدا يېرىمدىن كۆپ ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات بىلەن ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى پارتىيە سايلامدا بىردىنلا پەيدا بولدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى مەلۇم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەملىكەت ئىچى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىگە قانداق ئېرىشىشى ھەممىدىن مۇھىم.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئوڭ قانات ياۋروپا خەلق پارتىيەسى ياۋروپا پارلامېنتىدا 751 ئورۇننىڭ 213گە ئېرىشكەن، ئالدىنقى نۆۋەتلىككە قارىغاندا 61 ئورۇن ئاز بولسىمۇ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 1-پارتىيە گۇرۇھ ئورنىنى ساقلاپ قالغان؛ ئوتتۇرا سول قانات ياۋروپا سوتسىيال پارتىيەسى 190 ئورۇنغا ئېرىشىپ، يەنىلا 2-ئورۇندا تۈرغان. ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ ئاساسلىق ئورنىدىمۇ تەۋرىنىشنىڭ بولۇشى يەنىلا قېيىنكەن.

  ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر زور ئۈمىد كۈتتى، ئومۇمىي ئېرىشكەن بېلەت سانى %24كە يېتىپ، 140تىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇشتىن ئۈمىد بار. فىرانسىيەدىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە گۇرۇھى بولغان خەلق فىرونتى ئىتتىپاققا قارشى تۇرۇش، ياۋروغا قارشى تۇرۇش، كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇشنى سىياسىي پىروگرامما قىلدى، بۇ پارتىيە فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 74 ئورۇننىڭ 24گە ئېرىشىپ، 2009-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 21 ئورۇنغا كۆپ ئېرىشىپ، 1-ئورۇندا تۈردى. بۇ خەلق فىرونتى قۇرۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك سايلامدا غەلبە قىلىشى. فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋارىس تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، خەلق فىرونتىنىڭ غەلىبىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر مەيدان يەر تەۋرەش دېدى.

  ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي مۇنبىرىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرمۇ پارتىيە مەملىكەتلىك سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋە لىبۇرۇسلار پارتىيەسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلدى. گېرمانىيەدە ھازىرقى زۇڭلى مىركىل باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق پارتىيەسى %35.3لىك ئاۋاز بىلەن 1-ئورۇندا تۈردى، ئەمما سايلام نەتىجىسى ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ 1979-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتى ئىدى. ياۋروغا قارشى گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى %7ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ئورۇنغا ئىگە بولدى.

  ئاۋسترىيە ھۆرىيەتچىلەر پارتىيەسى ياۋروپا پارلامېنتىدا تۆت ئورۇنغا ئېرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا پارلامنتتا ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، دانىيە، ۋېنگرىيە، گىرېتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى پارتىيەلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، خىلى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى پارتىيە بۇ قېتىمقى سايلامدا پەيدا قىلغان سىياسىي تەۋرىنىش- ئۆتكەن بەش يىللىق ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ زەربىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئېقىمنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا داۋاملىق ئەۋج ئالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. لوندون سىياسىي ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بىگىس مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىشسىزلىق ئېغىر بولۇش، ئىقتىسادى مەسىلە كۆرۈلۈش، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، ياۋروپا قارشى ئىتتىپاقنىڭ كۈچىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  بىگىس مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەردە نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادى كىرىزىسنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاقنى قوللايدۇ. يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە كۆچمەنلەر ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ بۇ يىل بۇلغارىيە، رومىنىيەدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ئەركىن يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆچمەنلەر ئېقىمى فىرانسىيە، گېرمانىيەگە قاتارلىقلارغا زەربە بولدى، نۇرغۇن ئامما ياۋروپاغا ياكى ياۋروپاغا قارشى لاگېرغا كىرىگەنلىكىدىن گۇمانلاندى.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر ياۋروپاغا قارشى ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئاشسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ، ياۋروپاغا قارشى كۈچلەرنىڭ كېڭىيىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چېكىندۈرۋېتىشى ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر